تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن سومالى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن سومالى، سومالىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئىشتىراك قىلىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

1574679
تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن سومالى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم قېنېق بىلەن سومالى ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر مۇھەممەد نۇر ئىشتىراك قىلدى.

كېلىشىمنىڭ موقدىشۇ مەركىزىي تۈرمىسىدىكى ئايال مەھبۇسلارغا تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ تىككۈچىلىك سىخىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگىتىشنى دۋاملاشتۇرۇش ۋە  مەھبۇسلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئىشتىراك قىلىشىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر