بۈگۈن خىتايدىن 6 مىليون 500 مىڭ ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنا تۈركىيە يېتىپ كەلدى
خىتايدىن زاكاز قىلىنغان ئىككىنچى تۈركۈم كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن ئايروپىلان ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا قوندى.
1570259
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە «TK 6175» ئۇچۇش نۇمۇرلۇق « Boeing 777» تىپلىق ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 06.15 دە ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا قوندى.
كېچىدە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ ئايرودورۇمىدىن يولغا چىققان ئايروپىلاننىڭ ئىستانبۇلغا قونۇشى بىلەن كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى يۈكلەنگەن كونتېينېرلار تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن ئايروپىلاندىن ئامبارلارغا يۆتكەلدى.
ئايروپىلاندا 10 مىليون ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىنى تەشكىل قىلغان 6 مىليون 500 مىڭ ئاكتىپسىز دورا ۋاكسىنىسى ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.