تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئىئونىيە دېڭىزىغا ئالاقىدار قارارىغا پوزىتسىيە بىلدۈردى
تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ ئىئونىيە دېڭىزىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى چېگراسىنى 12 دېڭىز مىلىغا چىقىرىش قارارىنىڭ ئەگە دېڭىزىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيەنىڭ ئىئونىيە دېڭىزدىكى دېڭىز تەۋەلىكى چېگراسىنى 12 دېڭىز مىلىغا چىقىرىشى ۋە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ باياناتلىرىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.
ئاقسوي:« گىرېتسىيەنىڭ ئىئونىيە دېڭىزىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى چېگراسىنى 12 دېڭىز مىلىغا يەتكۈزۈش قەدىمى مورا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئەگە دېڭىزىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېدى.
ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىتقا ئىگە يېرىم يېپىق ئەگە دېڭىزىدا تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بۇ دېڭىزدا دۆلىتىمىزنىڭ ھەم ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى ۋە ئوچۇق دېڭىزلارغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان شەكىلدە بىر تەرەپلىمە ھالەتتە كېڭەيتىلمەسلىكى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەمىزگە ھەممىگە مەلۇم. بۇ پوزىتسىيەمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.