تۈركىيە ب د ت نىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە  سىلوۋاكىيەلىك يان كۇبىسنڭ تەيىنلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1566569
تۈركىيە ب د ت نىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سىلوۋاكىيەدە ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن يان كۇبىسنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ماسلاشتۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، كۆپلىگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا مۇھىم ھەم مۇشەققەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «كۇبىسنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، لىۋىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى يولىدا مىللىي مۇرەسسەلىشىش تىرىشچانلىقلىرىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە كۇبىسنىڭ لىۋىيەدە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ. كۇبىسقا يېڭى ۋەزىپىسىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز، بۇ ۋەزىپىنى يېقىندىن بۇيان ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ستېفانې تۇركو ۋىللىيامىسقىمۇ، قوشقان تۆھپىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، غسسان سەلامەنىڭ ئىستېپاسىدىن كېيىن، يېقىندىن بۇيان بوش تۇرۇۋاتقان ۋەزىپىگە 18 – يانۋار كۈنى كۇبىسنى تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لىۋانلىق سابىق ۋەكىل سەلامە، 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا تەيىنلەنگەن ۋەزىپىسىدىن، 2020 – يىلى مارت ئېيىدا «سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن» ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە دىپلوماتىيەسىنى  ئىشقا ئاشۇرىدىغان شەخس، تەخمىنەن 10 ئايدىن بۇيان بېكىتىلەلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر