تەسلىم بولۇۋاتقان تېررورچىلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
ماردىندا قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئەزاسى يەنە بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماردىن ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى قايىل قىلىش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ سېپىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭمۇ قوللىشى ئاستىدا ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتىلىپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىشى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا ئىكەن.
بۇ دائىرىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر داۋامىدا قايىل قىلىنغان «زىندان ئەمەد» تەخەللۇسلۇق ز.ئو، قورالسىز ۋە ئوق – دورىسىز ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
ماردىندا، 2015 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان ز. ئو نىڭ «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.