2020 - يىلىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدە ئىراقنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە خافتانىن رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1555587
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، يىل بويىچە داۋاملاشقانغا ئوخشاش 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىدىمۇ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملاشقانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە خافتانىن رايونلىرىدا رازۋېدكا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئارقىلىق بايقالغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.