ئاقار تۈركىيە ئارمىيەلىرى قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە باكۇدا زىيارەتتە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا زىيارەتتە بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار بىلەن قوماندانلار، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تەشكىل قىلىنىدىغان ئورتاق مەركەزدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق مەركەز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ. ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن سەپداشلىرىمىز تەيياردۇر. ئورتاق مەركەز خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، پائالىيەتلىرىمىز قويۇقلىشىدۇ، ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.