تۈركىيە چەت ئەلدىن كېلىدىغان يولۇچىلاردىن يۇقۇم تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى تەلەپ قىلىشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلاردىن يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدىكى ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

1553987
تۈركىيە چەت ئەلدىن كېلىدىغان يولۇچىلاردىن يۇقۇم تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى تەلەپ قىلىشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدىكى ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ سەلبىي چىققانلىقىنى دەلىللەيدىغان پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزى كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىش تۈزۈمىنى ئەتە (2020 – يىلى 30 – دېكابىر)دىن باشلاپ 2021 – يىلى 3 – ئايغىچە يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

ياۋروپادىن تۈركىيەگە كىرىش ئېغىزى بولغان ئەدىرنەدىكى چېگرا ئېغىزىدىمۇ ئەتىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ تۈزۈم، قۇرۇقلۇقلاردىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان يولۇچىلاردىن پاسپورت كونترول قىلىش ئورنىدا يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدىكى پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە تەكشۈرۈشى ئانالىزىنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەكشۈرۈش قەغىزى يوقلار قايتىپ كېتىش ھوقۇقىدىن پايدىلانسىمۇ ياكى تۈركىيەدىكى تۇرىدىغان يېرى (ئۆي، مېھمانخانا)دە كارانتىن قىلىنىدۇ.

تۇرىدىغان ئېنىق ئورنى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغانلار سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن جايلاردا كارانتىن قىلىنىدۇ.

كارانتىننىڭ 7 – كۈنىدىكى پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە تەكشۈرۈشى نەتىجىسى مەنپىي چىققانلارنىڭ كارانتىن قىلىنىش مۇددىتى توشقان ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار بولسا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى داۋالاش كۆرسەتمىلىرى بويىچە داۋالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر