گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئايدىن، چاناققەلئە ۋە بالىكەسىردە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 162 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1551523
گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن، ئايدىندا 72، چاناققەلئەدە 53 ۋە بالىكەسىردە 37 بولۇپ، جەمئىي 162 كۆچمەن، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرگە، يېمەك – ئىچمەك ۋە تېببىي بۇيۇملار ياردەم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر