ئىراق باش مىنىستىرى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە (2020-يىلى 17-دېكابىر) تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1546353
ئىراق باش مىنىستىرى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىسترى مۇستافا ئەلكازىمى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش كۈتۈلگەن مەزكۇر زىيارەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى مال-مۈلكىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى، مۇستافا ئەلكازىمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى قانۇنسىز تەشكىللىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان سىنجار كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىشى پەرەز قىلىنماقتا.

زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇزغۇنچىلىق قىلغان رايونلارنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ئىراقتىكى سېلىنما لايىھەلىرىمۇ كۈنتەرتىپ ماددىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئىراق باش مىنىستىرى ئەلكازىمىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىراقنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن جەبانى 13-دېكابىر ئىراقتا چىقىدىغان رەسمىي گېزىت «ساباھ» تا بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئەلكازىمىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت بىلەن زىيارەتتە بولىدىغان ئەنقەرەدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ: «باش مىنىستىر ئەلكازىمى ئۇچرىشىشلاردا تېررورىستلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 15 مىليارد بولغان سودا ئومۇمىي ھەجىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. زىيارەتتە يەنە، سۇ مەسىلىسى، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە نېفىت ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمىنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننىڭ ئەنقەرەدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر