ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقانداق ئېمبارگو قارارى تۈركىيەگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقانداق ئېمبارگو قارارىنىڭ تۈركىيەگە ھېچقانچە تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1542521
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقانداق ئېمبارگو قارارى تۈركىيەگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيەگە قارىتا ئېلىنىدىغان ئېمبارگو قارارىلىرى تۈركىيەگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى

ئەردوغان دېمىسىمۇ  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1963- يىلدىن بۇيان رەسمىي ھالدا تۈركىيەگە داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەلدىن سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقىنى ۋە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئەمما بىز داۋاملىق سەرۋر قىلدۇق، ھازىرمۇ سەۋر قىلىۋاتىمىز. ئەمدىلىكتە تاشلايدىغان قەدەملىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. سەمىمىي رەھبەرلەر بۇ جەرياندا مايدانىدا تىك تۇرماقتا. تۈركىيە قارىتىلغان بۇ پوزىتسىيەلەرگىمۇ سەلىبىي قاراشتا بولماقتا» دېدى.

ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كرىياكوس مىچوتاكىسنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز ھەققىدىكى باياناتلىرىغا قارىتا، «ئەمەلىيەتتە بۇلار ھېچقاچان ئۈستەلدە تۇرۇپ باقمىدى، داۋاملىق ئۈستەلدىن قېچىش ۋە يالغانچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى. بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. شەرقىي ئاق دېڭىزغا قارىتا ئۇ يەردىكى ھەق - ھوقۇقلىمىزنى داۋاملىق قوغدايمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىمۇ ئاخىرىغىچە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەگەر گىرېتسىيە قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن سەمىمىي ئىش تۇتسا، بىزلەرمۇ داۋاملىق ئۈستەلدە بولىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر