ئەردوغان: موتور ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا ماركىسى بولۇش نىشانىغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى ھەر خىل موتورلارنى لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ مەركىزىي دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش نىشانلىرىغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1540090
ئەردوغان: موتور ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا ماركىسى بولۇش نىشانىغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدىن ئەسكىشەھىردىكى «تۇنجى يەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان موتورى – TEI-TS1400 نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە لايىھەلەش مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك قاتناشتى.

ئەردوغان مۇراسىمدىكى سۆزىدە دۇنيا مىقياسىدىكى موتور تېخنىكىسىدىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەرنىڭ بارماق بىلەن سانىغىلى بولغۇدەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، <تۇساش موتور سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى>نىڭمۇ موتور ئىشلەپچىقىرىدىغان، لايىھەلەپ دۇنياغا ئېكسپورت قىلىدىغان بىر ماركا بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، «بۇ تۈرلەر بىلەن مۇداپىئە سانائىتىدە يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويىمىز. موتور تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە بايقىلىدىغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق <تۇساش موتور سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى> ئۆز ساھەسىدە دۆلىتىمىزدە ئۈلگە بولىدۇ» دېدى.

يېڭى ئەۋلاد يېنىك تىپلىق قوراللار، ئالتاي تانكىسى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ موتورلىرىنىمۇ ياساپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، يېقىندا بۇ موتورلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قوراللار سېپىگە سەپلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان يەنە، «بىر تەرەپتىن <تۇساش موتور سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى>نىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئاۋىياتسىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق موتور ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە تۈركىيەنى دۇنيا ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشقا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر