تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1537630
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن «2020-ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) كىرىزىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ۋە تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق قىلىشنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى، تەڭ باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق مەنىۋى قىممەتلەر ئاساسىدىلا تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياۋروپادا يۈكسېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە كەڭ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەر قايسى جەھەتتىن ئۈلگىلىك ئاز سانلىق بولغان ياۋروپادىكى تۈركلەرمۇ، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ئايرىمىچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ، بۇ ئەھۋال، ئۆزلەم تۈرەجى بىلەن يولدىشى ئۇغۇر شاھىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ياسىغان بولسىمۇ، شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ھەممىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياۋروپالىق دوستلىرىمىزنى، تارىخ تەكرارلانماستىن بۇرۇن كۆچمەنلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئىدىيەنى توسۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقلىرىمىز، ياۋروپادىكى نەپرەت ۋە ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئىتتىپاقنىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىر مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى، تۈركىيەگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئەلبەتتە، دوستلۇقنىڭ مىننەت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈش بىلەن بىر يەردە بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.

ئۇ كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تىراگېدىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ، ھەقىقەتلەرنى يورۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ت ر ت ۋورلد  بىلەن بىرلىكتە، ت ر ت ئەرەبچە، رۇسچە ۋە نېمىسچە قاناللىرىنىڭ، يېڭى خەۋەرلەرنى ئىنساننى ۋە مەنىۋى قىممەتنى مەركەز قىلغان نۇقتىئىينەزەر بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، «ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى» بولۇش ئۈچۈن خەۋەرچىلىكتە ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى يارىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر