تۈركىيە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەدە قىلغان قەبىھ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئشلار مىنىستىرلىقى بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئېتىزلىققا ھۇجۇم قىلىپ، 40 تىن ئارتۇق دېھقاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1536590
تۈركىيە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەدە قىلغان قەبىھ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئالدىنقى كۈنى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق زابارمارى يېزىسىدىكى بىر شال ئېتىزىغا تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام قىلغان ھۇجۇمدا 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى قاتتىق ئازابلىنىش ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە دوست، قېرىنداش نىگېرىيە خەلقىدىن شۇنداقلا ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

نىگېرىيەدە 2000 - يىللارنىڭ بېشىدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 – يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ تەشكىلات 2015 - يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ چېگرىداش قوشنىلىرى كامېرون، چاد ۋە نىگېردىمۇ ھۇجۇم قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بوكو ھارامنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدىلا كەم دېگەندە 2000 كىشى قازا قىلىپ، تەخمىنەن 3 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر