«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1535379
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، ھۇزۇر ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 2 تېررورچى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى ئۈچۈن، داۋاملىق ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر