ئەردوغان: رەقەملىشىش فاشىزمغا بېرىپ توختايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىنساننى بىر ئىسىم ياكى رەقەمدىن ئىبارەت دەپ قارايدىغان رەقەملىشىشنىڭ ئاقىۋىتى فاشىزمغا بېرىپ توختايدۇ. رەقەملىشىش فاشىزمىغا قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

1534913
ئەردوغان: رەقەملىشىش فاشىزمغا بېرىپ توختايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاياللار ۋە ئادالەت يىغىنى» ئىشتىراكچىلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك خىتاب قىلدى.

«رەقەملىشىش فاشىزمىغا قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئېتنىك ۋە دىنىي فاشىزمنىڭ ئازابلىرىنى ئەسىرلەر بويى تارتتۇق. بارلىق ساھەلەردە بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتقان رەقەملىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ كۈنسېرى مونۇپۇللىشىشىدۇر. ئىنساننى بىر ئىسىم ياكى رەقەمدىن ئىبارەت دەپ قارايدىغان رەقەملىشىشنىڭ ئاقىۋىتى فاشىزمغا بېرىپ توختايدۇ. رەقەملىشىش فاشىزمىغا قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز، ئۇنى يېڭىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن ئەسىردىكى ئۇرۇشلار پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز، رەقەملىشىش بىلەن بىرلىكتە يېڭى ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى قانچىلىك مۇھىم بولسا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر