ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئارىلاشقاندا ھەرگىزمۇ كېڭەيمىچى سىياسەتنى ياقلاپ ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1534096
ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن، يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى كىرىزىسلارغا مۇداخىلە قىلغان پەيتلەردە، ھەرگىزمۇ كېڭەيمىچى ئىدىيەنى ياقلاپ ھەرىكەت قىلمايمىز. بىزنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا نەزىرىمىز يوق، بىز ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

سۈرىيەدە دائېشقا قارشى روبىرو كۈرەش قىلغان بىردىنبىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو دۆلىتىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 9 مىڭغا يېقىن چەت ئەللىك تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈپ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئەردوغان، تۈركىيە زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ توقۇنۇش رايونلىرىغا ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ <ئىرىنى ھەربىي ھەرىكىتى> دائىرىسىدە ئاقدېڭىزدا تۈركىيە پاراخوتىنى قانۇنسىز شەكىلدە ئاختۇرۇش قىلمىشى ھەققىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بىر تۈرك پاراخوتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قىلمىشنىڭ خەلقئارا دېڭىز قانۇنىدا ئورنى يوق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى 30 يىللىق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلغان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۆلىتىمىزنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەزەربەيجان زېمىنى بولغان قاراباغدىكى ئەرمەن ئىشغالى ئاخىرلاشتى، مەسىلىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش ئۈمىدى تۇنجى قېتىم كۈچەيدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيە ئۈچ تەرىپى رايوندا تىنچلىقنىڭ كاپالەتچىسى بولىمىز. 30 يىلغا يېقىن كېچىكىش بولغان بولسىمۇ، ھەق ئورنىنى تاپتى، قاراباغدا ئەزەربەيجان بايرىقى لەپىلدىمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر