فاھرەتتىن كوجا يەرلىك ۋاكسىنا توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى

تېتانوس-دىفتەرى ۋاكسىناسىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانى پۈتۈنلەي يەرلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.

1534072
فاھرەتتىن كوجا يەرلىك ۋاكسىنا توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە مىللىيلىشىش سىياسىتى بويىچە مىنىستىرلىقنىڭ قوللىشى ئاستىدا 2015-يىلىدىن بېرى قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە ياسالغان يەرلىك ۋاكسىنانىڭ ئىشلىتىشكە تەييار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مىنىستىرلىقىمىز تەستىقلاپ قوللىغان لايىھە تۇنجى مەھسۇلاتلىرىنى بەردى. تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاكسىنا تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. تېتانوس-دىفتەرى ۋاكسىناسىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانى پۈتۈنلەي يەرلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەنقەرەنىڭ ئاقيۇرت ناھىيەسىدە 2015-يىلى باشلانغان لايىھە رامكىسىدا، ‹Turk› دورا شىركىتى ‹ياخشى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى (GMP) گۇۋاھنامىسى› بار ئەسلىھەلەردە، ئانتىگېن ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق باسقۇچلار دۆلەت ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر بىلەن تاماملىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى. زۆرۈر بولغان سۈپەت كونتروللۇقىدىن ئۆتكەن ۋە تەستىقلانغان تېتانوس-دىفتەرى ۋاكسىناسى دەسلەپتە مىنىستىرلىقىمىزغا يەتكۈزۈلدى. يەرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش كۈنتەرتىپتە بولغان مەزگىلدە، بۇ ساھەدە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز يەرلىكلەشتۈرۈش سىياسىتى دائىرىسىدە باشلىغان يەرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسى يېڭى خۇش خەۋەرلەر  بىلەن داۋاملىشىدۇ. خەيرىلىك بولسۇن.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر