بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 153كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 153كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1532938
![بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 153كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e4cd/2b72/2490/5fb6a0c5be5c7.jpg?time=1718706165)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 153كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭ 511 گە چىقتى.
بىر كۈندە 161مىڭ 125كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 6 مىڭ 713كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 3 مىڭ 254 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 377 مىڭ 891گە چىقتى.