چاۋۇشئوغلۇ: ئاھىسكا تۈركلىرىگە داۋاملىق ساھىب چىقىمىز
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي داۋاسىغا داۋاملىق ساھىب چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
1531845
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى رەھبىرى زىياددىن كاسسانوۋ ۋە بىرلىك ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ھەققاني داۋاسىغا ساھىب چىقىش، ئاھىسكالىق قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر ماكان ۋە ھەر زاماندا ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»