ئاكار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاراباغ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قاراباغ ھەققىدىكى كېلىشىمدە، تۈركىيەنىڭ ھەم ئۈستەلدە ھەمدە مەيدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1526922
ئاكار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاراباغ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ قاراباغدا ھەر قانداق خىلدىكى ئىشنى بولدى قىلىپ تۈگىتىشلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەدىن چوڭ ھەيئەت كېلىدۇ. تاكتىكا ۋە تېخنىك جەھەتتىن كىم قەيەردە تۇرىدۇ، كىم نېمە قىلىدۇ، بۇلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ قاراباغ مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەم ئۈستەلدە ھەمدە مەيداندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ بۇ يەردە يەتمەكچى بولغان نۇقتا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى، مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تىنچلىقنى ئورنىتىش، ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش، چېگرالارنى ئېچىش ۋە پاراۋانلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر