قانۇنى پاراخوتى قارا دېڭىزغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى

تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى «قانۇنى» بۇرغىلاش پاراخوتى، ئىستانبۇلنىڭ ھايدارپاشا پورتىدىن قارا دېڭىزغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى.

1527181
قانۇنى پاراخوتى قارا دېڭىزغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنى بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى. ئۇزۇتۇش مۇراسىمىغا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز قاتناشتى.

ئۇ: «فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى ‹1-تۇنا› دىن كېيىن ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىدىكى ‹1-تۈركئەلى› قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىدى. ھازىردىن باشلاپ 2 مىڭ 600 مېتىرغىچە بۇرغىلىدۇق. ياۋۇز پاراخوتى ‹1- سەلچۇكلۇ› قۇدۇقىدا 6 مىڭ مېتىرغىچە بۇرغىلىدى. كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ رايوننىڭ ئەتراپىدا يېڭى بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى.

ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونى ئىچىدىكى ‹1-تۈركئەلى› قۇدۇقى ۋە بۇ قۇدۇقتا قىلىنىدىغان سىناقلار ئارقىلىق زاپاس مىقدار ۋە ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدە قوشۇمچە مەلۇماتلار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ قۇدۇقتىكى بۇرغىلاش خىزمەتلىرى رايوننىڭ گاز يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ‹1-تۈركئەلى› قۇدۇقى فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى ئاچىدىغان تۇنجى بايقالغان قۇدۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا رايوننىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە جەمئىي 40 قۇدۇق ئېچىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر