بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 85 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 85 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1524710
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 85 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 10 مىڭ 972 گە چىقتى.
بىر كۈندە 145 مىڭ 411 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 576 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 47 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 340 مىڭ 286 گە چىقتى.