بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 83 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 83 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1523350
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 83 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 10 مىڭ 722 گە چىقتى.
بىر كۈندە 145 مىڭ 241 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 436 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 914 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 334 مىڭ 293 كەا چىقتى.