ئەردوغان: تۈركىيە قىرىمنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قىرىمنىڭ قانۇنسىز ئىشغال قىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1510846
ئەردوغان: تۈركىيە قىرىمنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن،  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە  تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىقىمىز دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدىن مائارىپقىچە، ساياھەتتىن سەھىيە ساھەسىگىچە كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، سېلىنمىلارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە قارىتا قەتئىي ئىرادىمىزنى نامايەن قىلدۇق.»

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى رايوندا مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ھالقىلىق دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى ھەردائىم قوللاپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. تۈركىيە قىرىمنىڭ قانۇنسىز ئىشغال قىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ. تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم بىر ئۇنسۇرى بولغان قىرىم تاتار قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇكرائىنا بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ياردەم قىلىدۇ.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىلىدىغان بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇكرائىنالىق ۋە قىرىم تاتارلىرى سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر