بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 68 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن 68 كىشى قازا قىلدى.

1498221
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 68 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 68 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 7 مىڭ 997 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  101 مىڭ 119 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 467 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 116 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 275 مىڭ 630 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر