«تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنەپەئەتلىرى جان تىكىپ قوغدىلىدۇ»

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ جان تىكىپ قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1497071
«تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنەپەئەتلىرى جان تىكىپ قوغدىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، يىغىندا، پ ك ك/ك ج ك – پ  ي د/ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىرلىكى، باراۋەرلىكى ۋە مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر، ھەمدە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھوقۇق دائىرىلىرىغا ئالاقىدار ئوخشىمىغان قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشكە تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاكتىيورلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھازىرغىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ جان تىكىپ قوغدىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئەنقەرەنىڭ ئەسلا مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. غەيرىي ھەربىي سالاھىيىتىگە ئىگە ئاراللارنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇن ۋە شەرتنامىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى، رايوندىكى تەبىئىي مەنبەلەردىن ئادىل بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەر مۇنبەردە ۋە ھەر جەھەتتىن دىيالوگ تەرەپدارى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىختىلاپلاردا ھەمىشە ھەقىقەت، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭمۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئىختىلاپلارغا داخىل بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ پىرىنسىپال مەيدانىغا، ھەمدە تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى. سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە قانۇن – نىزاملار ئاساسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاۋاتقان تۈركىيەنىڭ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە ئەمىنلىككە ئېرىشىشىگە قارىتا تۇتۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى تارتىۋالغان قانۇنسىز كۈچلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان ئاكتىيورلارغا قارشى ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىق قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر