تۈركىيە - گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى ئاخىرلاشتى
تۈركىيە – گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ «ئىختىلاپنى ئايرىش ئۇسۇللىرى» مۇزاكىرە قىلغان يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تەرەپتە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز (شەرقىي ئاقدېڭىز) دىكى جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا، يەنە بىر تەرەپتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا توقۇنۇش خەۋپىنى تۈگىتىش سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بۈگۈن 4- قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنىدا ئۇچراشتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «تۈركىيە – گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ ناتو باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن <ئىختىلاپنى ئايرىش ئۇسۇللىرى> توغرىسىدىكى يىغىنى ئاخىرلاشتى. تۈركىيە – گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرىنىڭ <ئىختىلاپنى ئايرىش ئۇسۇللىرى> توغرىسىدىكى يىغىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەيئەتلەر سۆھبەت يىغىنى باشلىغانىدى.