دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «فاتىھ»، «ياۋۇز» ۋە «بارباروس» ھەققىدە فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «فاتىھ» ۋە «ياۋۇز»  تەتقىقات پاراخوتلىرى بىلەن «بارباروس ھايرەتتىن پاشا» يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پاراخوتىغا ئالاقىدار يېڭى فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

1492562
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «فاتىھ»، «ياۋۇز» ۋە «بارباروس» ھەققىدە فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىدى
akdeniz sondaj gemi.jpg
akdeniz sondaj gemi.jpg
akdeniz sondaj gemi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان فوتو سۈرەتلىك باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئەزىز خەلقىمىزگە يېڭى خۇش خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <فاتىھ> تەتقىقات پاراخوتىغا قارادېڭىزدا، <ياۋۇز> تەتقىقات پاراخوتىغا ۋە <بارباروس ھايرەتتىن پاشا> يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پاراخوتىغا شەرقىي ئاقدېڭىزدا قوغداش ۋە ھەمراھ بولۇش خىزمىتىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»

مىنىستىرلىق، باياناتقا ئىلاۋە ھالدا پاراخوتلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى فوتو سۈرەتلەرنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر