ئاقار گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ كاررېنبائۇئېر بىلەن تېلېفونلاشتى.

1488106
ئاقار گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مىنىستىر ئاقارنىڭ سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ چېگىشلىكنىڭ ئەمەس، مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغانلىقى قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەسىلىگە ئاقىلانىلىك بىلەن ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ماس مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، تۈركىيەنىڭ ھەقلىق ۋە ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق شەكىلدىكى <پۈتتى، كەتتى>لەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر