چاناققەلئەدە قاپسىلىپ قالغان پاناھلانغۇچىلار قۇتقۇزىۋېلىندى

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى چاناققەلئەنىڭ ئايۋاچىك رايونى دېڭىز قىرغىقىدا، توختاپ قالغان مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇۋالدى.

1487474
چاناققەلئەدە قاپسىلىپ قالغان پاناھلانغۇچىلار قۇتقۇزىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىغا بېرىش ئۈچۈن ئايۋاچىك دېڭىز قىرغىقىدىن ئەگە دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىققان 39 چەتئەل پۇقراسى بار كېمىنىڭ ماتورى بۇزۇلۇپ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئورگىنىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغاندىن كېيىن رايونغا قۇتقۇزۇش كاتىرلىرى يوللاندى.

رايونىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان پاناھلانغۇچىلار كۈچۈككۇيۇ بازىرىدىكى دېڭىز قىرغىقى ساقچى پونكىتى قوماندانلىقىغا ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر