ئوقتاي ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىنىڭ، رايوندىكى ئۆزلىرىگە قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
![ئوقتاي ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a67e/3309/3db8/5f0993641f4fd.jpg?time=1718505691)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنىڭ، ياۋروپانىڭ ئارالدا سادىر قىلغان خاتالىقلارنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
فۇئات ئوقتاي باياناتىدا «رايوندىكى توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان بۇ خىل قىلمىشلارغا قارشى تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، خاتىرجەملىكى ۋە باياشاتلىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى رايوندىكى ئۆزلىرىگە قارشى ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى بىلىپ تۇرماقتا. مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەتئىيلىك ۋە بىر پۈتۈن ھالەتتە بۇ ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلايمىز، كېلەچەككە قاراپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز، بۇ ئويۇنلارنىڭ بىر پارچىسى بولغانلارنىمۇ كەچۈرمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/092a/4f42/8ae2/662603c7e0cd8.jpg?time=1718505691)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.