ماردىندا «چاقماق – 8 ساۋۇر» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماردىندا 1831 خادىم ۋە 122 ئالاھىدە ئەترەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «چاقماق – 8 ساۇۋر» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تامامەن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ماردىندا «چاقماق – 8 ساۋۇر» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.
ھەربىي ھەرىكەتكە، ئالاھىدە قىسىم، ئالاھىدە ئەترەت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن 1831 خادىم بىلەن 122 ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى قاتناشقان.
چاقماق 1 – 2 – 3 – 4 – 5 – 6 – 7 ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ھازىرغىچە جەمئىي 38 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 63 غار، پاناھ جاي ۋە ئىسكىلات يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ ساندا ئوق – دورا، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.