ھاككارىدا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا قازان ۋادىسى رايونىدا 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1482529
ھاككارىدا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «چاقماق-2 جىلو ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا قازان ۋادىسى رايونىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە 2 كالاشنىكوف ماركىلىق ئاپتوماتىك قورال بىلەن م-16 تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر