گىرېتسىيە تۈركىيەگە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ فوچا ناھىيەسىدە  گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 125 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1474809
گىرېتسىيە تۈركىيەگە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنى گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن تەپتىپسىز 125 كۆچمەننىڭ ئىزمىرنىڭ فوچا ناھىيەسىگە جايلاشقان «ئارسلان تۇمشۇقى» ساھىللىرىدا كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۋالغاندىن كېيىن،  ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى ساھىللىرىمۇ، ئايۋالىق ناھىيەسىگە قاراشلىق ئالتىنئوۋا مەھەللىسىدىن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىش مەقسىتىدە ئەگە دېڭىزى ئارقىلىق سەپەرگە ئاتلانغان ۋە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 38 ى سومالىلىق، ئىككىسى كېنىيەلىك، ئىككىسى سۈرىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 42 كۆچمەن، تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن گۈنەش ئرىلى ساھىللىرىدا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

جۇندا ئارىلىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەرگە، يېمەك – ئىچمەك ۋە تېببىي بۇيۇملار ياردەم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر