ئاكار ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
1468636
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داۋىد ساتتېرفىلد (David Satterfield) نى قوبۇل قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، قوبۇلدا ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.