تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئاياسوفيا پوزىتسىيەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، گىرېتسىيە ئەمەلدالىرىنىڭ باياناتلار ئارقىلىق خەلقنى كۈشكۈرتۈشىنى ۋە تۈركىيە بايرىقىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە يول قويۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1461591
تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئاياسوفيا پوزىتسىيەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيەدىكى ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا بولغان نارازىلىقلار توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇرۇپ، گىرېتسىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئىسلام ۋە تۈركىيە دۈشمەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا «گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دۈشمەنلەرچە باياناتلىرى ئارقىلىق خەلقنى كۈشكۈرتۈشلىرىنى ۋە شانلىق تۈرك بايرىقىنىڭ سەلانىكتە كۆيدۈرۈلۈشىگە ئوچۇق – ئاشكارا رۇخسەت قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفتە يېڭىدىن سەجدە قىلىنىشقا باشلىنىشىنى قوبۇل قىلالمىغان ياۋروپانىڭ ئەركە پەرزەنتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، «تارىختىن تېگىشىلىك ساۋاقنى ئالمىغان بۇ ئىرقچى باشلار، شانلىق بايرىقىمىزغا بىھۆرمەتلىك قىلغانلار ئەگەدىكى ئاقىۋىتىنى ياخشى خاتىرىلىشى كېرەك. گىرېتسىيە، 567 يىلدىن بۇيان ئويغىنالمىغان ۋىزانتىيە چۈشىدىن ئەمدى ئويغىنىشى ۋە بۇنىڭ ھارغىنلىقىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى ھامى ئاقسوي، دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلارغا ئىشلەتكەن بېسىملىرى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرى ئارقىلىق جەزملەشكەن، تەۋەلىكىدىكى تارىخىي جامەلەرنىڭ يىقىتىلىشىغا كۆز يۇمغان، پايتەختىدە جامە بولمىغان بىردىنبىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭ گىرېتسىيە ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشتا ھېچبىر دۆلەت تۈركىيەگە دەرس بېرەلمەيدۇ. تۈرك مىللىتىنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ئىبادەت قىلىشقا ئېچىلغان ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفى زېمىنلىرىمىزدىكى باشقا مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزغا ئوخشاشلا تۈركىيەگە تەۋە بولۇپ، مەڭگۈ ئىگىدارچىلىقىمىزدا ۋە مۇھاپىزىتىمىز ئاستىدا بولىدۇ. ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى، 1972 – يىلىدىكى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ روھىغا ئۇيغۇندۇر. تۈركىيەنىڭ بارلىق دىنىي ھەق ۋە ئەركىنلىكلەرنى قوغداش ۋە ئەپۇچان ئەنئەنىسى دائىرىسىدە، بارلىق دىنلارغا باغرىنى ئاچقان تىنچلىق دىنى ئىسلامنىڭ ئىبادەتخانسىى بولغان ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوچۇق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر