ئاياسوفيا بۈگۈن ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ

ئاياسوفيا جامەسى بۈگۈن (2020-يىلى 24-ئىيۇل) ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزى بىلەن ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ.

1461074
ئاياسوفيا بۈگۈن ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ
ayasofya vatandaslar1.jpg
ayasofya vatandaslar.jpg
ayasofya camisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى (دىيانەت) ئۇيۇشتۇرغان دۇئا پىروگراممىسى باشلاندى. بەزى قۇرئان سۈرىلىرى ۋە دۇئالار ئوقۇلىدىغان پىروگرامما، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباشنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىدە ناماز ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر، ئەتىگەندىن تارتىپلا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا ئۇزۇن ئۆچرەت ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل كىشىلەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبى بىلەن، جامەگە كىرىش نۇقتىلىرىدا كىشىلەرنىڭ قولىغا دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچقاندىن كېيىن، ماسكا ۋە بىر قېتىملا ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان جەيناماز تارقاتتى، كىشىلەرنىڭ تېمپېراتۇراسىنى كۆزەتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەقەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى دەۋلەت باغچەلىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئېچىلىش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، نۇرغۇن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كەڭ كۆلەمدە ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان رايوندا، نۇرغۇن ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر