ئاكار ھافتەرگە قىلىنىۋاتقان ياردەم ۋە قوللاشلارنى توختىتشنى تەكىتلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار لىۋىيەدە تىنچلىققا، خاتىرجەملىككە ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە توسقۇنلۇق قىلغان ھافتەرگە قىلىنىۋاتقان ياردەم ۋە قوللاشلارنى بالدۇرراق توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1458464
ئاكار ھافتەرگە قىلىنىۋاتقان ياردەم ۋە قوللاشلارنى توختىتشنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئەنقەرەدە مالتا ۋە لىۋىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىننىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئاقدېڭىزدا رايونىمىزدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا قوشىدىغان ھەسسىمىز بىلەن، كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ، پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رايونىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغا ۋە مالتا دۆلەت خەۋپسىزلىك ھەمدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بيرون جامىللەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ دائىرىدە كۆرسىتىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشۇش تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ئىجابىي مېۋىلىرىنى توپلاشقا باشلىغانلىقىمىزنى ئېيتالايمەن» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەربىي تەلىم-تەربىيە، ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەتچىلىك خىزمەتلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھەر دائىم لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھەممىنىڭ بىلىشىنى خالايمەن. بۇ مەسىلىدىكى تىرىشچانلىقىلىرىمىز بۈگۈنگىچە داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمەت بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ ھافتەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا، لىۋىيەدە تىنچلىققا، خاتىرجەملىككە ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىسيانچى ھافتەرگە قىلىنىۋاتقان ياردەم ۋە قوللاشلارنى بالدۇرراق توختىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ تۈركىيە بىلەن مالتا ۋە لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا يىلتىزى چوڭقۇر بولغان تارىخىي رىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر ئىككى دوستۇمنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن بىرلىككە ئىگە پىكىر-قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلاشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. لىۋىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا، مالتانىڭ قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئوتتۇرىمىزدىكى دىيالوگ، ھەمكارلىق ۋە تىرىشچانلىقلارنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قىلىدىغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەم لىۋىيە ھەمدە رايون ئۈچۈن بالدۇرراق مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر