ئەردوغان، تىۋىتتېردا تۈركىيە ئاپتوموبىلى <TOGG> نىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنى ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئىنژېنېرلىق، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 60 يىللىق ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا يەنە بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەم تاشلىغانلىقىن

1457625
ئەردوغان، تىۋىتتېردا تۈركىيە ئاپتوموبىلى <TOGG> نىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنى ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «بۈگۈن <TOGG> ئىنژېنېيىرلىق، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 60 يىللىق ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا يەنە بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەم تاشلىدۇق. قوللاشلىرىنى ئايىمىغان قەدىرلىك مىللىتىمىزگە ۋە ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، خەيىرىلىك بولغاي» دېدى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا يەنە، «تۈركىيە ئاپتوموبىلىنىڭ» تونۇشتۇرۇش فىلىمىغىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر