«پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1456179
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەر تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.