شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1453915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا يارىلانغان ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەر، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان، بۇ جەرياندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشان قىلىنغان «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى 28 – مايدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.