گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 57 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1452379
گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 57 نەپەر چەت ئەللىك مۇساپىرنىڭ چىپلاك ئادا ساھىلىدىن كامېر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئەگە دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، دېڭىزدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان مۇساپىرلارنى تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى ئەترىتىنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر