تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى تېررورچىلاردىن بىرى بىر تەرەپ قىلىندى
تۇنجەلىدە ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېرىيەسىدە ئىسمى بار بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلىدە ژاندارما قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېرىيەسىدە ئىسمى بار تېررورچى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن تۇنجەلىنىڭ ئوۋاجىك تاغلىق رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى <قولغا چۈشۈرۈلۈشى ياردەم قىلغۇچىلار 500 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى> ئېلان قىلىنغان بىر تېررورچى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.