مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سوچى كېلىشىمىدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 6 نەپەر تېررورچىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1442237
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سوچى كېلىشىمىدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورۇنلىرى ئېنىقلانغان 6 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا سۈرىيەدىكى تىنچلىق بولىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 998 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كوماندىرلار تەرىپىدىن 10 – ئىيۇندا ئورنى ئېنىقلانغان تونېللارنى قوشقاندا جەمئىي 161 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 1433 تونېلنىڭ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر