تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش مەقسىتىدە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1437736
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش مەقسىتىدە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى «پەنچە – قاپلان (يولۋاس) ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى. قەھرىمان كوماندىرلىرىمىز ھافتانىندا» دېگەن سۆزلەر بىلەن جامائەتچىلىككە ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، مۇداپىئە پونكىتلىرى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۈچەيتكەن پ ك ك ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «پەنچە – قارتال (بۈركۈت)» ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان «پەنچە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە كوماندىر جەڭچىلەر ھافتانىندىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا باستۇرۇپ كىرىشكە باشلىدى. ئىنتايىن ئەستايىدىل پىلانلىنىپ ئورۇندىلىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتلىرى دىققەتنى تارتتى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە ئالدى بىلەن بارلىق ھەرىكەت ساھەلىرى توپقا تۇتۇلدى؛ تۈركىيەنىڭ يەرلىك كۆپ ئىستۋوللۇق زەمبىرەكلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە تېررورچىلارنىڭ 150 دىن ئارتۇق نۇقتىسى دەل نىشانغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا، «ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىمىز تۈنۈگۈن كېچە باشلانغان پەنچە – قاپلان ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلارنىڭ  ھافتانىن رايونىدىكى ماكانلىرىنى ناھايىتى دەل نىشانغا ئېلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر