تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1433613
تۈركىيە نىگېرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە ئالدىنقى كۈنى سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. نىگېرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق فودۇما كولومبىيە يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 69 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

نىگېرىيەدە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009 – يىلىدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق جېنىدىن ئايرىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى، 2015 – يىلىدىن بۇيان چېگراداش دۆلەتلەردىن كامېرون، چاد ۋە نىگېرغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. تەشكىلاتنىڭ، چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 2 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر