چاۋۇشئوغلۇ: ئاياسوفيا تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاياسوفيانىڭ بىر خەلقئارالىق مەسىلە ئەمەس، تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1434004
چاۋۇشئوغلۇ: ئاياسوفيا تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاياسوفياغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قەتئىي شەكىلدە بۇ بىر خەلقئارالىق مەسىلە ئەمەس، بۇ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. ھېچكىمنىڭ تۈركىيەنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنى دەتالاش قىلمىسۇن» دېدى.

ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ تۈركىيەگە سوئال قويۇشىنىڭ ئورۇنسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «(ئامېرىكادىمۇ) ئىرقچىلىق بار، مۇسۇلمان دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى بار. تۈركىيە بولسا بۇنىڭ دەل ئەكسىنى قىلماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاياسوفيا توغرىسىدا دەتالاش قىلىش، پەتھى قىلىنىپ 657 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاياسوفيانى، ھەتتا ئىستانبۇل توغرىسىدا دەتالاش قىلىش ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

1972 – يىلى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكو كېلىشىمىدە، ئاياسوفيانىڭ جامە ياكى باشقا شەكىلدە ئىشلىتىش توغرىسىدا ھېچقانداق مەزمۇن يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بىر جەمئىيىتىمىز يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇندى. 2 – ئىيۇلدا يۇقىرى سوت ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇ يەر بىزنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق ساھەيىمىزدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرى توغرىسىدا گىرېتسىيەگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرى مەسىلسىىدە يالغۇز بىزگىلا ئەمەس، دۇنياغا ساۋاق بېرىدىغان ئەڭ ئاخىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى گىرېتسىيە. ياۋروپادا جامەسى بولمىغان بىردىنبىر پايتەخت ئاتىنادۇر. سەلانىكتە داۋاملىق ئوچۇق تۇرىدىغان بىرمۇ جامە يوق. غەربىي تراكيادا تۈرك ئاز سانلىقلار سايلىغان مۇپتىلار ئىمام بولغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلدى. ئۇ يەردىكى تۈرك ئاز سانلىقلار تۈرك دېگەن ئىسىمنىمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ. گىرېتسىيە ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئۈچ قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر