تۈركىيە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە، ئاقدېڭىزدا يېڭى تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئىلتىماسى سۇنۇلغان ساھەلەردىكى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1428087
تۈركىيە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسنىڭ، تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۇنغان رۇخسەت ئىلتىماسى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئالاقىدار سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.

تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ، تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان يېڭى ساھەلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، «دۆلىتىمىز، ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلغان بۇ ساھەدە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ. شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۆلىتىمىزنىڭ ۋە قىبرىسلىق تۈركلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ئىرادىمىز كەسكىندۇر. بۇ دائىرىدە، سىسمولوگىيەلىك تەكشۈۈرۈش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىمىز ئالدىن بېكىتىلگەن پىلان بويىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر