گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈرك دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 45 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كامىر كېمىدە مۇساپىرلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال رايونغا يېتىپ بارغان.
گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا قىستالغان، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 سى سۈرىيەلىك، 5 ى سومالىلىق، 4 ى گامبىيەلىك، 3 ى كونگولۇق، 3 ى ئىفىيوپىيەلىك، 2 سى سېنېگاللىق، 1 ى ماۋرىتانىيەلىك، يەنە 1 ى گىنەلىك بولۇپ جەمئىۇ 45 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.